باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنى شىزاڭغا چېتىشلىق مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2016.06.17 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 16-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ شىزاڭغا چېتىشلىق مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋەزىيىتىنى قوغداشقا دەۋەت قىلدى.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما 15-ئىيۇن 14-ئەۋلاد دالاي لاما بىلەن «خۇسۇسىي كۆرۈشكەن»، ئوباما شىزاڭنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا قانداق باھا بېرىدۇ؟، دەپ سورىدى.

  لۇ كاڭ جاۋاب بېرىپ: شىزاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. 14-ئەۋلاد دالاي لاما نوقۇللا دىنىي شەخس ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەت دىننىڭ تورىغا ئورۇنۇۋېلىپ، جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىي قاچقۇن، ئۇنىڭ ئاتالمىش «ئوتتۇرا يول» تەشەببۇسىنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە «شىزاڭ مۇستەقىللىقى»دىن ئىبارەت. ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ دالاي بىلەن كۆرۈشۈشى مەيلى قانداق شەكىلدە بولسۇن، ھەممىسىلا ئامېرىكا تەرەپ ئېتىراپ قىلغان شىزاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، «شىزاڭ مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدىغانلىقى، جۇڭگونى پارچىلايدىغان پائالىيەتلەرنى قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

  «ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىزاڭغا چېتىشلىق مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋەزىيىتىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر