باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاھىدە زور ئۆلكە ئاتلاپ بوۋاقلارنى ئالداپ سېتىش دىلوسىغا ۋېنجۇدا سوت ئېچىلدى

ئالداپ سېتىلغان بوۋاق 26گە يەتكەن

2016.06.17 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكە ئاتلاپ 26 بوۋاقنى ئالداپ سېتىش، سېتىش باھاسى يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىش، ئەيىپلەنگۈچىلەر 26گە يېتىش... 15-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ساڭنەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە بىر قېتىملىق ئالاھىدە زور ئۆلكە ئاتلاپ بوۋاقلارنى ئالداپ سېتىش دىلوسىغا قانۇن بويىچە سوت ئاچتى.

  سوتتا، ئەيىپلىگۈچى ئورگان جەمئىي 26 جىنايەتنى ئەيىپلىدى. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق، باسقۇچلىرى تولۇق بولۇپ، «كەسىپ زەنجىرى» شەكىللەندۈرگەن، جىنايەت گۇماندارلىرى ئايرىم-ئايرىم «تونۇشتۇرغۇچى»، «باققۇچى»، «توشۇغۇچى»، «سېتىۋالغۇچى» قاتارلىق روللارغا بۆلۈنگەن.

  بوۋاقلارنىڭ سېتىلىش باھاسى 10-20 مىڭ يۈەندىن 98 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئوغۇل بوۋاق ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۆلكە ھالقىپ بەش قېتىم قولدىن قولغا ئۆتۈپ، ئەسلىدىكى 10 مىڭ يۈەندىن ئاخىرىدا 83 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان.

  بۇ قېتىم شىكايەت قىلىنغان 26 ئادەم (باشقا توققۇز كىشى باشقا دىلودا بىر تەرەپ قىلىندى) ئايرىم-ئايرىم ۋېنجۇنىڭ ساڭنەن، ۋېنجۇ شەھىرى ۋە فۇجيەن، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭى 79 ياش، ئەڭ كىچىكى 27 ياش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر