باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تارقاتتى

قانۇن مەسلىھەتچىلىك تۈزۈمى ۋە جامائەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى

2016.06.17 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قانۇن مەسلىھەتچىلىك تۈزۈمى ۋە جامائەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  نىشان ۋەزىپە: 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر قايسى تارماق، كومىتېت، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قانۇن مەسلىھەتچىلىكى، جامائەت ئادۋوكاتى تەسىس قىلىشى، يېزا-بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئېھتىياجىغا قاراپ قانۇن مەسلىھەتچىلىكى، جامائەت ئادۋوكاتى تەسىس قىلىشى، دۆلەت كارخانىلىرى قانۇن مەسلىھەتچىلىك، شىركەت ئادۋوكاتى تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى قانۇن مەسلىھەتچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىشى، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان جۇڭگوچە قانۇن مەسلىھەتچىلىك، جامائەت ئادۋوكاتى، شىركەت ئادۋوكاتى تۈزۈم سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر