باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىنىڭ پايدىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ

2016.06.17 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 16-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى بازىرىدىكى پايدىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

  مېركىل زىيارەتكە كەلگەن سلوۋاكىيە زۇڭلىسى روبېرت فىكو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پايدىدىن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مېركىل مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق ئەزا بولۇپ ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەتكە قاتنىشالمايدۇ، ئەكسىچە 3-دۆلەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. مەن بۇنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. شۇڭا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قېلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر