باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنى كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل

2016.03.22 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-بەش يىللىق پىلان جۇڭگونىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق بەش يىل، جۇڭگو يېقىندا دۇنياغا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئاستا بولۇۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادى يەرگە قاتتىق قونامدۇ؟ جۇڭگو ئىقتىسادى قۇرۇلمىلىق تەڭشەش ئۆتكىلىدىن قانداق ئۆتىدۇ؟ جۇڭگو يەر شارىنىڭ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ 20-مارت جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنىدا جۇڭگوغا ئالاقىدار تېمىلار يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  بۇ يىل خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئومۇميۈزلۈك يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 8-يىلىغا قەدەم قويدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئاستا بولماقتا. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئېشىشىمۇ ئاستا بولماقتا. ماتورلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

  ئامېرىكا كارتېر بىلى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دوگلاس ئوبوخېمان مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانى بۇرۇنقىدىن تۆۋەن بولدى، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك تېز. ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى جۇڭگونىڭ تەلىپى، شۇنداقلا ساغلام ئىش، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتتەك ئىككى خانلىق سان بىلەن يۇقىرى ئېشىشنى داۋاملىق ساقلاپ باققان ئەمەس.

  يوۋباڭ سۇغۇرتا گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە قوشۇمچە لىدىرى دۇ جياچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى مەبلەغ سېلىشنى قوزغىتىش تىپىدىن ئىستېمالنى قوزغىتىش تىپىگە، ياسىمىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادى قۇرۇلمىدىن مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىشقا يۈزلەندى. گەرچە تىپىنى ئۆزگەرتىشكە يەنى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كەتسىمۇ، لېكىن ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يىمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى %6.9 ئاشتى، دۇنيادىكى ئاساسىي ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىن قاتاردا تۇردى، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30گە يېقىنلاشتى. ئىقتىساد مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئارا ھەرىكەت قىلىش ئۈنۈمى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچىيىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر