باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ياسىمىچىلىقى چەتئەلگە يۈزلەنمەكتە

2016.03.22 11:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 13-بەش يىللىق پىلان باشلىنىدىغان يىل شۇنداقلا «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغان يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى مۇھىم كەسىپ قىلىپ، سېلىنما ۋە پەن تەتقىقات سالمىقىنى زورايتىپ، دۇنياۋى ئۈستۈنلۈكنى تېرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، تېخنىكىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ئېلىمىزنى زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى چوڭ دۆلىتى ۋە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئېلىمىز ھازىر خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى سىرتقا چىقىرىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.

  قازاقىستاننىڭ شىمالىدىكى شەھەر پاۋلودارنىڭ ئەتراپىدا جۇڭگو رەڭلىك مېتال قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن قازاقىستان ئاليۇمېنچىلىق شىركىتى ھەمكارلىشىپ قۇرغان قازاقىستاندىكى بىردىنبىر ئېلېكتىرولىز ئاليۇمېن زاۋۇتىدا بىر تۆھپە تېمى بار، تامغا ئويۇلغان خەنزۇچە خەتلەر ناھايىتى كۆركەم. قازاقىستان ئىشچىلىرى جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە قان-تەرىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، زاۋۇت پۈتكەندە، ئالاھىدە قىلىپ خەنزۇچە خەت بىلەن جۇڭگولۇق قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىسمىنى خاتىرە تېمىغا ئويۇپ چىققان ھەم ئەڭ ئالدىغا تىزغان.

  مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلغان قازاقىستان ئاليۇمېن تۈرى-جۇڭگو رەڭلىك مېتال قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قازاقىستاندىكى بىر نام كارتىسىغا ئايلاندى، بۇ تۈر ئارقىلىق، جۇڭگو رەڭلىك مېتال قۇرۇلۇش شىركىتى قازاقىستاندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 200 دىن ئارتۇق جابدۇق ۋە ماتېرىيالنى قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئەمدىلا ئېلان قىلغان 2015-يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇقلارنى سىرتقا چىقىرىش نەتىجە تىزىملىكىدىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلى پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈرلەردە چەتئەللەرگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ 118 مىليارد 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %14.7 كە ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، جابدۇق ياسىمىچىلىقىغا يەتتە مىليارد 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سېلىنىپ، %154.2 ئاشقان. كارخانىلار چەتئەللەردە مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرى قۇرۇش، يەر شارى تىجارەت تورىنى بەرپا قىلىش، چەتئەللەر بىلەن بىرلىشىپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئىلغار تېخنىكىلارغا ئىگە بولغان، يادرو ئېلېكتىرى ۋە تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول جابدۇق سىستېمىسى خەلقئارا بازارغا كىرگەن. ھازىرغىچە، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا، ئېلىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق دۆلەتلەرنى ئاساسلىق ئوق، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى نۇقتىلىق دۆلەتلەرنى غەربىي قانات، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇقتىلىق دۆلەتلەرنى شەرقىي قانات قىلغان بىر ئوق، ئىككى قانات ئەندىزىسى شەكىللەندى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى بېيگۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر قىسىم جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا ئىگە بولدۇق شۇنداقلا تېخنىكا چىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدۇق. شۇڭا بىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋەزىيىتىمىز ئەسلىدىكى سودا، پىششىقلاپ ئىشلەش مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئاساس قىلىشتىن تېخنىكا چىقىرىش ۋە مەبلەغ چىقىرىشقا قاراپ ئۆزگەردى. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئۆزگىرىشمۇ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ يېڭى بازار بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىمىزنى شەكىللەندۈرمەكتە.

  كەلگۈسى بەش يىلدا، ئېلىمىز ئالىي جابدۇقلاردا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ، يەنى ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق پاراخوت، ئىلغار رېلىسلىق قاتناش جابدۇقلىرى، ئالىي رەقەملىك كونترول ئىستانۇكى، ماشىنا ئادەم جابدۇقلىرى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق داۋالاش سايمانلىرى، ئىلغار خىمىيە سانائىتى يۈرۈشلۈك جابدۇقلىرىدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ ساھەدە مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر