باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ۋاكسىنا مەسىلىسىگە دىققەت قىلدى

2016.03.22 11:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەندۇڭ ساقچى دائىرىلىرى پاش قىلغان، دېلو قىممىتى 570 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان، قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى دېلوسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، نۆۋەتتە جايلاردىكى يېمەكلىك دورا نازارەت تارماقلىرى دۆلەتنىڭ يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىسى بار ۋاكسىنىلارنى تەكشۈردى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: جىنايەت گۇماندارى پاڭ فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەرنى ۋاكسىنا ۋە بىئولوگىيەلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەشكە ئالاقىدار يىپ ئۇچىدىن 107 سى، پاڭ فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەردىن ۋاكسىنا ۋە بىئولوگىيەلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار يىپ ئۇچىدىن 193 ئى تەكشۈرۈپ چېقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سېتىۋالغۇچى كىشىنىڭ ئۇچۇرىغا چېتىلىدىغان ئۆلكە،ئاپتونوم رايون ۋە شەھەر 24 گە يېتىدۇ.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن ساقچىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن 2010-يىلىدىن بۇيان، بۇ ئۆلكىدىكى پاڭ فامىلىلىك كىشى قىزى بىلەن بىرلىكتە بالىلارغا ۋە چوڭلارغا ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنىدىن 25 خىلنى قانۇنسىز سېتىۋالغان ھەمدە بۇ ۋاكسىنىلارنى ساقلاش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان ئەھۋالدا ئۇلارنى گۇاڭدوڭ، خېنەن، ئەنخۇي، سىچۈەن قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 18 ئۆلكە، شەھەرگە يۆتكەپ ساتقان، 2015-يىلى 28-ماي جىنەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېمەكلىك دورا دېلولىرىنى تەكشۈرۈش تارماق ئەترىتى جىنەن شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك دورا تەكشۈرۈش تارماق ئەترىتى بىلەن بىرگە چەت ياقا جايدىكى زاۋۇت ئامبىرىنى تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندا قىممىتى 700مىليون يۈەنگە يېتىدىغان، تارقىلىشچان ب تىپلىق مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا قاتارلىق ئادەملەرگە ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلاردىن زور مىقداردا قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە جىنايەت گۇماندارى پاڭ فامىلىلىكنى ۋە قىزىنى قولغا ئالغان، نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن ۋاكسىنىلار پېچەتلەنگەندىن باشقا ئالاقىدار تارماقلار يەنە باشقا مەسىلىسى بار ۋاكسىنىلارنىڭ ئىز دېرىكى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  پاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلاردىن ۋاكسىنا ۋە بىئولوگىيەلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار 193 يىپ ئۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر ئەنخۇي، بېيجىڭ، فۇجيەن، گەنسۇ، گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى، گۈيجۇ، خېبېي، خېيلوڭجياڭ، خۇبېي، خۇنەن، جياڭسۇ، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، جىلىن، جياڭشى، چۇڭچىڭ، جېجياڭ، شىنجاڭ، سىچۈەن قاتارلىق 24 ئۆلكە،ئاپتونوم رايون،شەھەرگە چېتىلىدۇ، نۆۋەتتە خېنەن، گۇاڭدوڭ، ئەنخۇي، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئالاقىدار تارماقلار جىددىي تەكشۈرمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر