باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىلىق يارىتىش 64 قېتىم تىلغا ئېلىنىشتىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر

2016.03.22 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا يېڭىلىق يارىتىش 64 قېتىم تىلغا ئېلىندى، بۇ ئۆتكەن ئىككى يىلىدىكى دوكلاتتا تىلغا ئېلانغان ساننىڭ يىغىندىسىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھەم ئاممىغا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بار، ھەم پەن تېخنىكا ساھەسىگە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بار، ئۇندىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ۋەزىپە چۈشۈرۈلۈپ، جايلاردىن ھەرقايسى ساھەلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تەلەپ قىلىندى.

  دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن رايونلارلا ئەمەس، مىللىي رايونلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش چوڭ دولقۇنىمۇ كۆتۈرۈلدى. غەربى قىسىمدىكى تاغلىق رايونلاردىن پايتەختكىچە مۇشۇنداق ئالغا سىلجىتىش باشتىن ئاخىر يېنىمىزدا ئېلىپ بېرىلماقتا. 2020-يىلىغىچە، جۇڭگۇەنسۇن يەر شارىنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى ۋە يۇقىرى پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچىلار ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئالدىن تاللايدىغان جايغا ئايلىنىدۇ. "ئىگىلىك يارىتىشقا جۇڭگو جۇڭگۇەنسۇن يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ 2015-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان قۇرۇلۇش" لايىھەسى تۈزۈلدى، بۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان نىشان ۋە ئۈمىدنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگۇەنسۇن پەن تېخنىكا باغچىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پۇختا ئاساس سالغان يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش مەركىزى قۇرۇش، بەيدۇ، لىيەنشياڭ، خۇاۋېي تېڭشۈن قاتارلىق باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۈچ ئالاھىدە پەرىشتە مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت 7 چوڭ قۇرۇلۇش، يۈزدىن ئارتۇق تۈرنىڭ ئەمەلىي قوللىشى ئارقىلىق، جۇڭگۇەنسۇندە يىلتىز تارتقان ئېلىمىزگە قايتقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يېڭىلىق يارىتىش روھىمىز بار بولدى، ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىمىز بار بولدى، دەپ ئىختىيارسىز خۇرسىندى.

  ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھەر بىر يېڭىلىق ياراتقۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا يۇقىرى ئۆرلەيدىغان يېڭى دەۋر. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پاي كونترول قىلىش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ جىنخۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرلۈك سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بەردى، جۇڭگو ئەسلىدىكى مۇھىم ئامىللارنى قوزغىتىش، مەبلەغ سېلىشنى قوزغىتىشتىن بۈگۈنكى يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىشقا يۈزلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىياسەتنىڭ باھار شامىلىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالدىنقى تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىگە، ئىلغارلىققا ئىگە بولغان بىر قىسىم كارخانىلار جۇڭگودا تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر