باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك كەسپىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش يېتەكچى پىكرىنى چۈشۈردى

2016.03.12 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «داۋالاش-دورىگەرلىك كەسپىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش يېتەكچى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى) نى چۈشۈردى. «پىكىر» دە، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش-دورىگەرلىك كەسپىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى، داۋالاش-دورىگەرلىك كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  «پىكىر» دە، داۋالاش-دورىگەرلىك كەسپى داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرى ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى قوللايدىغان مۇھىم ئاساس بولۇپ، پايدىلىنىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، قوللاش ئامىلىنى كۈچەيتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، كەسپىي نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، داۋالاش-دورىگەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن بازارغا كىرگۈزۈشكىچە بولغان پۈتكۈل ھالقىدىكى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، داۋالاش-دورىگەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەستىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلەتكۈچى ساھەلەرنىڭ تۈزۈلمە مېخامنىزمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، كەسىپلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات ۋە ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتكە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تەكىتلەندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر