باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يەسلى خىزمىتى قائىدىسى» 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

بالىلارنى خورلاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ

2016.03.02 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 1-مارت «يەسلى خىزمىتى قائىدىسى»نى ئېلان قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، يەسلى بىخەتەرلىكى، سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش، ئوقۇتۇش ۋە كۆلەم جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە بەلگىلىمە بېكىتتى ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ خورلاش، كەمسىتىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش، ھاقارەتلەش قاتارلىق بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرىنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  «قائىدە»دە يەسلىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قارىتا ئىنتايىن تەپسىلىي تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دەرۋازىۋەن، ئۆي، ئەسلىھە، ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش، قاتناش، يېمەكلىك، دورا، بالىلارنى ئاپىرىپ-ئەكېلىش، پائالىيەتكە تەشكىللەش ۋە بالىلار ئۇخلىغاندا دىجورنىلىق قىلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەسلىنىڭ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى، بېزەش ماتېرىياللىرى، كېرەكلىك بويۇم، جابدۇق ۋە ئويۇنچۇق، ئوقۇتۇش قوراللىرى ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بىخەتەرلىك سۈپەت ئۆلچىمى ۋە مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ماس كېلىش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «قائىدە»دە يەنە يەسلى ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ چوقۇم بىخەتەرلىك ئېڭىغا ئىگە بولۇشى، جىددىي ئەھۋالدا ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەكلىكى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر