باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا: رەقەملىك پۇلنى بالدۇرراق ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىمىز

2016.01.21 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-يانۋار، جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، خەلق بانكىسى رەقەملىك پۇل تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى رەقەملىك پۇل تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى پائال قۇبۇل قىلىپ، مەركىزىي بانكا تارقىتىدىغان رەقەملىك پۇلنى بالدۇرراق ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىدىكەن.

  خەلق بانكىسى 2014-يىلى مەخسۇس رەقەملىك پۇل تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ، 2015-يىلنىڭ بېشىدا كۈچلەرنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، رەقەملىك پۇلنى تارقىتىش ۋە كەسىپلەرنى يۈرۈشتۈرۈش رامكىسى، رەقەملىك پۇلنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىسى، رەقەملىك پۇلنى تارقىتىش-يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتى، رەقەملىك پۇل دۇچ كېلىدىغان قانۇنىي مەسىلىلەر، رەقەملىك پۇلنىڭ ئىقتىسادىي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل ۋە شەخسلەر تارقاتقان رەقەملىك پۇلنىڭ مۇناسىۋىتى، خەلقئارادىكى رەقەملىك پۇلنى تارقىتىش تەجرىبىلىرى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر