- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-ئايدىن 11-ئايغىچە، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 چۈشتى
2015.12.28 10:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 چۈشكەن، چۈشۈش نىسبىتى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان چۈشۈش نىسبىتىدىن 0.1 پوئېنت ئازايغان.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت مەھكىمىسى سانائەت ئۈنۈمى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې پىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: مەھسۇلات سېتىش ئازىيىشتىن كۆپىيىشكە ئۆزگىرىش، بىرلىك تەننەرقى ئۆسۈشتىن تۆۋەنلەشكە ئۆزگىرىش، تېجارەتتىن باشقا ساپ كىرىمى ۋە مەبلەغ سېلىش پايدىسىنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئېشىشى 11-ئايدا سانائەت كارخانىلىرى پايدىسى چۈشۈش نىسبىتىنىڭ ئازىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر