باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەكشۈرۈشتە ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ دۇچ كەلگەن ئالتە چوڭ مەسىلە كۆرسىتىلدى

2015.12.28 09:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 25-دېكابىر ئېلان قىلىنغان «ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپتا دۆلەت ياردەم سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى باھالاش دوكلاتى»دىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە %90 كە يېقىن ئوقۇغۇچى ئېلىمىز ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپىدىكى دۆلەت ياردىمى سىستېمىسى بىلەن قاپلانغان، لېكىن ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، ئايرىم جايلاردا يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنى ئەرزان ئەمگەكچى قىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاشكارىلانغان، بۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقا ئايلانغان.

  دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە 16 مىليون 900 مىڭ ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %88 نى ئىگىلىگەن. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىز ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ ياردەم سىستېمىسى-دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ ياردەم سىستېمىسى ئىكەن.

  تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسلىقى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچىلار، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتكە چىققانلاردىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزدە %90 كە يېقىن ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىسى يېزا ئائىلىلىرىدىن، %5 ئوقۇغۇچى شەھەرلەردىكى نامرات ئائىلىلەردىن ئىكەن، نۇرغۇن ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىسى بۇرۇن ئۆيلىرىدە قالغان بالىلار بولغان. %30 تىن ئارتۇق ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەرگە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مائارىپىدا مەغلۇب بولغۇچىلاردىن بولۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى بۇلاردىكى ئومۇمىي ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى غەيرەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر