باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مەدەنىيلىك ئىشخانىسى قاتارلىق 12 تارماق ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلىدى

2015.12.28 09:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزى كومىتېت مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات ، رادىيو -كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق 12 تارماق بىرلىشىپ، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيەنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى 50 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە يۈز ئىلغار شەخسنى تەقدىرلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى.

  ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۆپ خىل مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيە مۇلازىمىتى پائالىيىتى يېزىلاردا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، مەزمۇنى يەنىمۇ بېيىتىلىپ، يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، شەكلى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، دېھقان ئاممىسىغا نۇرغۇن ياخشى ۋە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىلىپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئېسىل ماركىسىغا، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئەلرايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى.

  ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە بىر تۈركۈم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدا تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزىرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ھەدىيە قىلىش، كىنو، مەدەنىيەت ئويۇنلىرىنى قويۇش، پەن-تېخنىكا مەسلىھەتى بېرىش، ئەمەلىي تېخنىكا ياردىمى بېرىش، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كېسەل كۆرسىتىش، كېسەل داۋالاش، داۋالاش ۋە دورا يەتكۈزۈش ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى دېھقانلار ئاممىسىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر