باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە مەملىكەت بويىچە ھەقسىز تورغا چىقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ

2015.12.18 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-دېكابىر جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى جېجياڭ ۋۇجېن ئېنتىرنىت نۇرى كۆرگەزمىسىدە يېڭى مەھسۇلاتى ۋايفاينى سۆيىمەننى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ھەقسىز تورغا چىقىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋايفاينى سۆيىمەن ھەقسىز تورغا چىقىش مۇلازىمىتى جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى قۇرغان مىليون دەرىجىلىك قىزىق نۇقتىلىق ۋايفاي تورىنى يېتەكچى قىلىپ،ئامما بىلەن بىرلىكتە قۇرۇش قاتارلىق سودا ۋە مۇلازىمەت قېلىپى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ھەقسىز تورغا چىقىدىغان ۋايفاي تورىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، ھەقسىز تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتىنىڭ بازار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لى شياۋمىن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى پۈتۈن مەملىكەتكە تۇنجى تۈركۈمدە 700 مىڭ قىزىق نۇقتىنى ئېچىۋېتىدۇ ھەمدە ۋايفاينى تىز سۈرەتتە ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 334 ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رايوندىكى قىزىق نۇقتىلىق سودا رايوندا تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر