باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«<13- بەش يىل> تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ!» تورداشلار 5- ئومۇمىي يىغىنئاخباراتىنى قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلدى

2015.11.03 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، «5- ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى»،«13- بەش يىللىق يىرىك پىلان توغرىسىدا تەكلىپ»، «ھاللىق سەۋىيەگە يىتىش نىشانى»قاتارلىقلار ئالاقە تورىدىكى قىززىق نۇقتا سۆزى بولۇپ قالدى.

  «تۈرلۈك ئىشلار خەلق تۇرمۇشىغا باغلاندى!»،«13- بەش يىلدىن ئۈمىد زور»،«يىرىك پىلان ياخشى، مۇھىمى ئىجرا قىلىشتا».......تورداشلار 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا بولغان ئىشەنچى ۋە «13- بەش يىل» تېخىمۇ كۆپ «بەخت تۇيغۇسى» ئېرىشىش تەقەززاسىنى بىلدۈردى.

  ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى كىشىنى ھاياجانلاندۇردى

  ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار يۈكسەك باھا بەردى. نۇرغۇن تورداش مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى يېڭى نىشان، تەلەپلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇردى، «يېڭىلىق يارىتىدىغان، ماسلاشتۇرىدىغان، يېشىل، ئېچىۋىتىلگەن، ھەمبەھرلىنىدىغان» بەش تەرەققىيات ئىدىيەسى يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى.

  شىنخۇا بلوگىدىكى تورداش«دەرەخ شېخى» مۇنداق دېدى: «بەش تەرەققىيات ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ <13- بەش يىل> دا، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىل ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش،جۇڭگو ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشنى يول بىلەن كاپالەتلەندۈردى.»«جۇڭگودا يەنە 70 مىليون نامرات بار، بۇنچە كۆپ كىشىنى نامراتلىق قۇتۇلدۇرۇش ئاسان ئەمەس، دۇنيادىمۇ زور ئىش ھېسابلىنىدۇ.»شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلوگىدىكى «كىچىك ئۈشكە» مۇنداق دېدى:«ئاخباراتتا 2020- يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010- يىلدىكىدىن بىر قاتلاش،دۆلىتىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيە دېگەن قالپاقنى ئېلىپ تاشلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ نىشان كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.»

  نۇرغۇن تورداش مۇنداق دېدى: ئاخباراتتا ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئىرادىسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى نامايان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلوگى ئابونچى«تاغا» مۇنداق قارىدى:«ئاخباراتتا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت قوغداش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا بىۋاستە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ مۇھىت قوغداش تۈزۈلمىسدىكى زور ئىسلاھات، كەلگۈسى يېشىل تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر.»

  «13- بەش يىل»غا تولۇق ئىشەنچ باغلاش بارلىق تورداشلارنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ قالغان.

  «يۆنىلىش، ئىشەنچ، ئارزۇ ئۈمىدكە ئىگە بولدۇق.» مىكرو بىلوگە ئابونجى«شىرىن»:«يېڭى بەش يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىدىغان بەش يىلى بولىدۇ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغان بەش يىل بولىدۇ.» (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر