باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي مۈلۈك بېجى ئسىلاھاتى ئاساسىي رامكىسى بېكىتىلدى

2015.07.14 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇتەخەسسىسلەر: جايلار ياكى بەلگىلەن دائىرىدە باج نىسبىتىنى ئۆزى بېكىتىدۇ ھەم ئۆز ئالدىغا باج ئېلىش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

  ئۆي مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنىڭ يولى بارغانسېرى راۋانلاشتى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋىرى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۆي مۈلۈك بېجى قانۇن چىقىرىش دەسلەپكى تىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ئىچكى جەھەتتە پىكىر ئېلىش ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۆي مۈلۈك بېجى ئاساسىي باج تۈرى ياكى ئۆي مۈلۈك بېجى، شەھەر، بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجى بىرلەشتۈرۈلۈپ، كونكىرت باج نىسبىتىنى جايلار مەركەز بېكىتكەن باج نىسبىتى رايون دائىرىسىدە ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆي مۈلۈك بېجى قۇرۇلۇشى ھالقىسى تېرىلغۇ يېرىنى ئىشلىتىش بېجى، يەر خېتى بېجى، شەھەر، بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجى، قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش تىجارەت بېجى ۋە قۇشۇمچە شەھەر قۇرۇلۇش بېجى ئېلىش، مائارىپ بېجى قۇشۇمچە، كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە ماركا بېجىغا چېتىلىدۇ؛ سودا ھالقىسى، ساتقۇچى تەرەپ سېتىش ئۈچۈن كۆچمەس مۈلۈكنى سېتىش تىجارەت بېجى ۋە قۇشۇمچە شەھەر، قۇرۇلۇش بېجى ئېلىش ۋە مائارىپ بېجى قۇشۇمچە، يەر قۇشۇلما قىممەت بېجى، كارخانا تاپاۋەت بېجى ياكى شەخسلەرنىڭ تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نى خۇڭرى مۇنداق دېدى:« قانۇن چىقىرىش رامكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كونكىرت باج ئېلىش ۋاقتى مەسىلىسىدە جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش ھوقۇقى بار. ئۆي مۈلۈك بېجى يەرلىك باج تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جايلارغا بېرىلگەن ئۆز ئالدىغا بەلگىلىك باج ئېلىش ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆمۈر بايلىقى بېجى ئېلىش ئۇسۇلىغا ئوخشاپ كېتىشى مۇمكىن، مەملىكەت بويىچە بىر باج نىسبىتى دائىرىسى بەلگىلەنگەن، جايلار بۇ دائىرىدە ئۆز جايىنىڭ كونكىرت ئەھۋالىغا ئاساسەن كونكىرت باج نىسبىتىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ. جايلارنىڭ باج ئېلىشنى باشلاش ۋاقتى، كونكىرت باج ئېلىش ئاساسى، مەشغۇلات تەپسىلىي قائىدىسى سەل ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. »شى جېڭۋېن: ئۆي مۈلۈك بېجى قانۇنى چىقىرىش تاماملىنىپ، ئۆي مۈلۈك بېجى ئېلىشقا بولسىمۇ، مەملىكەت دائىرىسىدە بىر تۇتاش باشلانمايدۇ، جايلار باج ئېلىش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر