باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يامان نىيەتتىكىلەرنىڭ مەقسىتى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ

2015.07.14 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد: قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار 13-ئىيۇل ئەتىگەندە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، رامىزاندىكى تۇرمۇشى توغرىسىدا تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، «شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئاممىنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى» دېگەن پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى.

  سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلار كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى، ئەتراپىدىكى كىشىلەر ۋە ئىشلار ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىدىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ رامىزان ئېيىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، روزى تۇتۇش-تۇتماسلىقنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلدىكى نىيىتى يامانلارنىڭ مەقسىتىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناقلىقىغا مەڭگۈ تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي قانۇن-ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەتزۇنۇن ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: چەت ئەلدە «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەندى» دېگەندەك پىتنە-ئىغۋانىڭ تارقالغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندىم. مەن تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا تەتقىقاتچى، ئۇزاقتىن بۇيان قەشقەر شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونىنى قوغداش ۋە ئېچىش، قەشقەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىمەن. 2010-يىلىدىن بۇيان ھەر ھەپتىدە كوناشەھەر رايونىغا بېرىپ، سۈرەت تارتىمەن، ئاھالىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىمەن، بۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى كۆپ ياخشىلاندى، كىشىلەر كونا ئۆيلەردىن ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئازادە ئۆيلەرگە كۆچتى. مەھەللىلەردىكى مەسچىتلەرمۇ رېمونت قىلىندى ياكى قايتا سېلىندى، بۇنىڭ بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئازادە مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشىغا كاپالەتكە ئىگە بولدى. بۇ يىل رامىزان تازا ئىسسىققا توغرا كەلگەچكە، قەشقەردىكى مۇسۇلمانلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ روزى تۇتتى. چەت ئەلدىكى ھېچقانداق ئەھۋالدىن خەۋىرى يوق، ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قارىغۇلارچە سۆزلەش ھوقۇقى يوق، بىزدەك ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىدىغان ھەم كۆرگەنلەرنىڭلا ھەقىقەتنى سۆزلەش ھوقۇقى بار.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ماتىماتىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنگۈل سىدىق مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ، شىنجاڭنىڭ، قەشقەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ پىكىرى بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. مەن قەشقەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇم، ئائىلەمدىكىلەرمۇ روزا تۇتۇۋاتىدۇ، مەن ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆگىنىشىمگە تەسىر يەتمىسۇن، دەپ روزا تۇتمىدىم. بۇنىڭ ھەممىسى ئىختىيارىمىز بويىچە بولدى، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ روزا تۇتىشىغا ھېچكىم قارشى تۇرغىنى يوق.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرېھىمجان ئىسمائىل مۇنداق دېدى: تۈركىيەدىكى نامايىشنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم كەلدى. بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامنامىسى»دە «پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بولىدۇ، دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دېمەك، دۆلىتىمىزدىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ئۆزىنىڭ قولىدا، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق، نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇلىنىشىنى دۆلىتىمىز قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىلمى ئىنىستىتۇتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دىلشات ھامۇت مۇنداق دېدى: 5-ئىيۇل تۈركىيەدىكى بىر ئۇچۇم ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئىغۋا تارقىتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىپتۇ، چەت ئەلدىكى بەزى تاراتقۇلار بۇنى كۆپتۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپتۇ. قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زىيالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق ئوبيېكتىپ پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان بايانلارغا قارشى تۇرىمەن. مەن ئوقۇتقۇچى ھەم ئادۋوكات، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن قانۇندىن سىرت چەكلەشلەرگە ئۇچراپ باقمىغان، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىمۇ چەكلىمىگە ئۇچراپ باقمىغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىتىقادچى ئاممىنىڭ ھوقۇقىدۇر، شۇنداقلا بىزدەك دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە، بۇ زېمىندىكى ئۆزگىرىشلەرگە شاھىد بولغان، ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىدۇر. ھېچقانداق تاراتقۇ، ھېچقانداق كىشىنىڭ پاكىت ئويدۇرۇپ، يالغان سۆزلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ھازىرقى گۈزەل، تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھوقۇقى يوق.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر