باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەرنىڭ سەھىرى جىمجىت ئەمەس

2015.07.14 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد:14 – ئىيۇل سەھەر سائەت ئىككى يېرىمدا قەشقەر ھېيتكاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى، ئوردا ئالدى يولى كەچلىك بازىرى قىزىپ كەتكەنىدى. بۇ يەردە زوھۇرلۇق تاماق ئېلىپ چىققان 10 نەچچە يايما ئالدىدا يۈزگە يېقىن ئادەم غىزالىنىۋاتاتتى.

  كەچلىك بازار دوقمۇشىدىكى يايمىدا لەغمەن ئېتىپ سېتىۋاتقان جۈمە قارى ئايالى قازاندىن ئالغان ئاق ئاشقا چۆمۈچتە چاقماق تېزلىكىدە سەينى سالدىدە «مانا خېرىدار» دېگىنىچە تاماق ساقلاۋاتقان خېرىدارغا ئۇزاتتى.

  ـــ مەن يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىن، كۈندە بۇ كەچلىك بازاردا تاماق ئېتىمەن. روزى ئېيى كىرگەندىن بۇيان زوھۇرلۇق تاماق چىقىرىۋاتىمەن. تاماق تەمىمىز يىگەنلەرگە خېلى تېتىيدۇ، باھاسىمۇ ئەرزان، بىر تەخسە لەغمەن ئاران بەش يۈەن، كۈنىگە زوھۇرلۇقتا 4 يۈز يۈەنلىك سودا قىلىپ قويىمەن،- دېدى جۈمە قارى كۈلۈپ تۇرۇپ.

  جۈمە قارىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ كۈندە تاماق چىقارغاچقا روزا تۇتالمىغان، لېكىن ئۇ ماڭا روزا تۇتىۋاتقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەن.نېرىدىكى «نۇردىيار» تېز تاماقخانىسىدىمۇ 30 غا يېقىن ئادەم پولۇ، لەغمەن بىلەن غىزالىنىۋاتاتتى.

  ـــ كېلىڭ خېرىدار،- دېدى چڭ قازاندىن پولۇ ئۇسىۋاتقان ئاشخانا خوجايىنى سادىقجان تۇرسۇن ماڭا،- پولۇ بار، لەغمەن بار، سومىيەن بار، نىمە يېسىڭىز شۇ بار....

  مۇخبىرلىقىمنى ئۇققاندىن كېيىن سادىقجان تۇرسۇن بىلەن پاراڭغا چۈشتۈم.

  ـــ مۇشۇ روزى ئېيى كىرگەندىن بۇيان كۈنندۈزىمۇ نورمال تىجارەت قىلغاندىن باشقا زوھۇرلۇق تاماقمۇ چىقاردۇق. ئاشخانىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ ئىككى ئىسمىنا بويىچە ئىشلەۋاتىدۇ. كېچىلىك ئىسمىنىدىكىلەر ئەتىگەن سائەت بەشتە ئىشتىن چۈشىدۇ. قالغانلىرى سەككىدىن باشلاپ ئىشقا چىقىدۇ. تاماق باھالىرىمىزمۇ بەك قىممەت ئەمەس، پولۇ 15 يۈەندىن، لەغمەن 8 يۈەندىن 10 يۈەنگىچە،- دېدى سادىقجان تۇرسۇن ماڭا.

  ئەتىگەن سائەت تۆت بولغاندا ھېيتكاھ جاماسىگە نامازغا كىرگەنلەر بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. سائەت تۆتتىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە مەزىن نۇرئەھمەتجان روزىنىڭ ئېيتقان ئەزىنىگە ئەگىشىپ مەسچىت چوڭ سەيناسىغا يىغىلغان جامائەت 3 يۈزگە يەتتى. سائەت 4:28 بولغاندا قارىمنىڭ «سەپراس» دېيىشى بىلەن جامەئەت ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، بىررەت تىزىلىشىپ بامدات نامىزىغا قوپتى. سائەت 4:38 بولغاندا بامدات نامىزى ئاياغلاشتى.

  ـــ ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە تۇققان يوقلاپ كېلىشىمتى، ھېيتكاھ جامەسىدە بۈگۈن بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم، ھېلى سەككىزنىڭ ئايرۇپىلانىدا ئۈرۈمچىگە قايتىمەن. قەشقەرگە كەلمىگىنى بىر يىل بولۇپتىكەن، تەرەققىيات بولۇپ، شەھەر تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپدۇ،- دېدى ئىسمائىل روزى ئىسىملىك بىرەيلەن بامدات نامىزىدىن قايتقاچ ماڭا.

  ـــ ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم،- دېدىم نامازدىن قايتىپ ھېيتكاھ جامەسى ئىشىكى پەشتىقىدىن ئاۋايلاپ چۈشىۋاتقان ئاق ساقاللىق بىر بوۋاينىڭ قولىنى تۇتۇپ پەشتاقتىن ئۇنى چۈشۈرۈپ قويغاچ.

  ـــ ۋە ئەلەيكۈم ئەسسىلام ئوغلۇم،- دېدى بوۋاي سالام قايتۇرۇپ.

  ـــ تەنلىرى ئامان بولسۇن، بامدات نامىزىغا جامەگە كەپلا،- دېدىم مەن گەپ باشلاپ.

  ـــ يېشىم 74 ياشقا كىردى، مۇشۇ پۇتۇمنى دېمىسەم ھەممە يېرىم ساغلام. مۇبارەك روزى ئېيىنىڭ ھەر كۈنىدە جامەگە كىرىپ ناماز ئوقۇۋاتىمەن. ھازىر ۋەزىيەت ياخشى، جاھان تىنچ، ھەممە نەرسە ئەلۋەك، نىمە يەيمەن دىسەك شۇ بار، نىمە كىيىمەن دىسەك شۇ بار. ئەتىگەندە قىزىم ئەتكەن پولۇ بىلەن زوھۇرلۇق قىلىپ، تەييارلىغان سۈيىدە تەرىتىمنى ئېلىپ نامازغا كەلدىم. ئۆيۈممۇ مۇشۇ ئەتراپتا، جاھان مۇشۇنداق ياخشى بولۇپ بەرسە، سالامەت بولساملا جامەدە يەنە خېلى ئۇزۇن ناماز ئوقۇغۇم بار،- دېدى مەمەت زۇنۇن ئىسىملىك بۇ كىشى ماڭا،- گېزىتتىن كۆرسەم چەتئەلدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۆلىتىمىزگە «ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ناماز ئوقۇتمايدۇ، روزا تۇتقۇزمايدۇ» دەپ بۆھتان چاپلاپتۇ. نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن. ئەتراپىمدىكىلەردىن ھەركىم روزا تۇتقۇسى كەلسە تۇتىۋاتىدۇ، تۇتمىغانلار تۇتمىدى. نامازنى مەسجىتتە ئوقۇسا ھېچكىم كېلىپ سەن نىمە دەپ ناماز ئوقۇيسەن دىمەيدۇ. ھۆكۈمەت يوللارنى ياساپ بەردى، ئۆيلەرنى سېلىپ بېرىۋاتىدۇ، يەنە مۇشۇ جامەنى ئېيتساق ھەر يىلى ھۆكۈمەت نۇرغۇن پۇل بېرىپ بۇزۇلغان يەرلەرنى ياساپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمدى يەنە نىمە قىلىپ بەرسە بولاتتى.

  ئەتىگەن سائەت بەشلەردە تاڭ سەل سۈزۈلۈپ ئەتراپقا يورۇق چۈشۈشكە باشلىدى. بايام قىزىپ كەتكەن كەچلىك بازاردا كىشىلەر ئازلاپ، ئاشخانا ئىگىلىرى ئىشىك ئالدىلىرىنى يىغۇشتۇرۇشقا، زوھۇرلۇق تاماق ئېلىپ چىققان يايمىچىلار قازان – قۇمۇشلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ ھارۋىسىغا بېسىپ مېڭىشقا تەمشىلىۋاتاتتى.

  بىنا سىرتىدىكى رەڭلىك چىراقلىرى يېنىپ تۇرغان «تىللا» مېھمانخانىسى ئاستىدىكى غوجىلار ئاشخانىسىدىن تاماق يەپ چىققان مۇھەممەت ئەلى يولبويىغا توختىتىپ قويغان تاكسى ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.

  ـــ تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ھازىرغىچە تاكسى ھەيدىدىم، شۇ تاماقنى يەپ بولۇپ يەنە بىر ئىسمىنىدا تاكسى ھەيدىدىغانغا ئۆتكۈزۈپ بېرەي دەپ تۇرغان،- دېدى مۇھەممەت ئەلى ماڭا،- سەھەردىن بۇيان نۇغۇن ئادەمنى جامەگە، زوھۇرلۇققا توشىدىم. ھازىر كۈنىگە گازنىڭ پۇلىنى چىقىرىۋەتسەم ئىككى يۈز يۈەندىن ئارتۇق پۇل قالىدۇ. جەمئىيەت تىنچ بولغاندىن كېيىن كېچىسىمۇ خاتىرجەم تاكسى ھەيدەيمەن.

  ئۆستەڭ بويى يولىدا يول سۈپىرىۋاتقان مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى نورىمانگۈل ھېيت سۈپۈرۈش دائىرىسىدىكى ئاشخانىلار يىغىپ قويغان ئەخلەتلەرنى ھارۋىسىغا بېسىۋاتاتتى.

  ـــ مەن روزى ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئەتىگەنلىك ئىسمىنىدا ئىشلەۋاتىمەن، كۈندە زوھۇرلۇقنى يەپ بولغاندىن كېيىن سەھەر سائەت تۆت يېرىمدا ئىش ئورنۇمغا كېلىمەن. تازىلاش دائىرەم 500 مېترچە كېلىدۇ. روزى ئېيى كىرگەندىن بۇيان زوھۇرلۇق يەيدىغانلار كۆپىيىپ، ئەخلەتمۇ كۆپەيدى. قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر شەھەرنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم،- دېدى نورىمانگۈل ھېيت ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  قەشقەر، يىپەك يولىدىكى بۇ قەدىمىي قايناق ماكاننىڭ سەھىرى ئەنە شۇنداق جىمجىت ئەمەس. ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن دىگەندەك بۇ شەھەردە كىشىلەر ھەرۋاقىت تۇرمۇشى ئۈچۈن سەھەردىن باشلاپلا شۇنچە ئالدىراش......

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر