باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۈلۈكى كومىتېتى بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىنى ئېلان قىلدى

2015.07.15 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى ئاخبارات مەركىزى تۈنۈگۈن «بىر بەلباغ، بىر يول جۇڭگو كارخانىلىرى پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىدىتلىدى ۋە نامايان قىلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان 110 دىن ئارتۇق مەركەز كارخانىسىنىڭ 107 سى چەتئەللەردە 8515 شۆبە ئورگان تەسىس قىلغان بولۇپ، يەر شارىدىكى 150 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان، ماتېرىيالدىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە، 80 نەچچە مەركەز كارخانىسى بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەردە شۆبە ئورگان تەسىس قىلغان، ئۇل ئەسلىھە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، مەركەز كارخانىلىرى نۇرغۇن بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەلىك يولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەك تۈرى قۇرۇلۇشى ھەم ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇلار جۇڭگو-رۇسىيە، جۇڭگو-قازاقىستان، جۇڭگو-بېرما خام نېفىت تۇرۇبىسى، جۇڭگو-رۇسىيە، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو-بېرما تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، رۇسىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئون توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ھەم جۇڭگو-بېرما، جۇڭگو-تايلاند، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى، جۇڭگو-پاكىستان قاراقۇرۇم تاشيولى سىرىلانكا خامبانتوتا پورتى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر