باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپونغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىدىن 35مىليون ئادەمگە تالاپەت يەتتى

2015.07.15 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) گوۋويۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگو نوپۇسىنىڭ تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جوڭجيې، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنلاڭ « ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگو نوپۇسىنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى»نى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەھۋالى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جۇڭگونىڭ تۆھپىسىگە ئائىت ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  لى جوڭجيې مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىمىز جاكارلىغان ئەڭ نوپۇزلۇق سان-سېفىرغا ئاساسلانغاندا، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگو ئارمىيە-خەلقىدىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانىنى قوشقاندا 35مىليون بولغان. 1937-يىلىدىكى پۇل قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 100مىليارد دوللار بولغان، ۋاستىلىك ئىقتىسادىي زىيان 500مىليارت دوللار بولغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر