باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىغىنى چىڭداۋدا يېپىلدى

2015.05.27 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن خەلقئارا مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىغىنى 25- ماي چىڭداۋدا يېپىلدى، يىغىندا «چىڭداۋ خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ياخشىلاش يولى ھەمدە ئۇنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى دۇ جەنيۈەن مۇنداق دېدى: 90دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلات، كارخانىنىڭ ۋەكىلى ئۈچ كۈن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنىدا «ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە كەلگۈسى مائارىپ ئۆزگىرىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، «مائارىپ ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى رەھبەرلەر مۇنبىرى »، مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ۋە بىر قاتار ئومۇمىي يىغىن ۋە شۆبە يىغىنلار ئارقىلىق، « ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، ئۆچۈر سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش»، «كەڭ قورساقلىق ۋە مۇۋاپىق بولغان ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش»، «سۈپەتلىك ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئومۇملاشتۇرۇش » قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى، نەتىجە ھۆججىتى بولغان «چىڭداۋ خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر