باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلى خۇاياڭ مارجان خادا تاشلىرىدا نەنشا تاقىم ئارىلى ماياك قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2015.05.27 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-ماي قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ نەنشا تاقىم ئارالى خۇاياڭ مارجان خادا تاشلىرىدا نەنشا تاقىم ئارىلى ماياك قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نەنشا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارنىڭ يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق سەپەرگە چىقىشىغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى خۇاياڭ مارجان خادا تاشلىرى، چىگۇا مارجان خادا تاشلىرىدا كۆپ ئىقتىدارلىق ماياك قۇرىدىكەن. ماياك پۈتكەندىن كېيىن، بۇ دېڭىز ساھىلىدىن ئۆتىدىغان ھەر قايسى دۆلەت پاراخوتلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يول باشلاشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا پاراخوتلارنىڭ سەپەر بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم قۇرۇلىدىغان ئىككى ماياك يۇمىلاق تەكشى يۈزلۈك قىلىپ لايىھەلەنگەن، جۇڭگو ئامىلى لايىھەلەشكە سىڭدۈرۈلگەن. ماياك مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 50 مېتىر ھەمدە 4.5مېتىرلىق پانۇس سەپلەنگەن. لايىھەدىكى چىراغنىڭ يورۇتۇش ئارىلىقى 22 دېڭىز مىلى كېلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر