باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ:جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزنىڭ دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى

2015.05.27 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 25-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرى جۇڭگونىڭ ئاراللىرىغا بېرىپ رازۋېدكا قىلىش ھەرىكىتى خاتا ھۆكۈم ۋە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى ئاسانلا پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىز قىلمىش. جۇڭگو بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ ئىش ئۈستىدە ئامېرىكا بىلەن جىددىي سۆزلىشىدۇ.

  شۇ كۈنى ئېچىلغان قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرنىڭ خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ياردەمچىسى لاسسىر قاتارلىق ئەمەلدارلار يېقىندا مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قىلمىشلىرى تالاش تارتىشنى ئادىل ھەل قىلىش ۋە دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى پىرىنسىپىغا ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلغانلىق، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ پىرىنسىپنى قوغدىشى كېرەك.ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوت ئايروپىلانلىرى خەلقئارا دېڭىز قاتنىشى ۋە ھاۋا ئۇچۇش ھوقۇقىنى داۋاملىق تولۇق يۈرگۈزىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ دېڭىز قاتنىشى ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشىدا ھېچ قانداق مەسىلە يوق،كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق.ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزنىڭ دېڭىز قاتنىشى ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكى ھەمدە بىخەتەرلىكىگە ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بىراق دېڭىز قاتنىشى ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكى چەتئەللەرنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى، ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھەرگىز باراۋەر ئەمەس. بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە ئاۋىياتسىيە ۋە دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە سەل چاغلىغانلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر