- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو كومپارتىيەسى بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى
2015.05.27 14:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
بۇ قېتىم نىزامنىڭ تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىشى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ مۇھىم گەۋدىلىنىشى.
شۇنداقلا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-،4-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. نىزام جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تۇنجى قانۇن بەلگىلىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا خىزمەت قىلىشنىڭ يۆنىلىش پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، ھەر قايسى ساھەلەر ۋە تەرەپلەردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇردى. ئۇ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بەلگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ تارىخىدىكى نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر