باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىڭ يۈن قاتارلىق 25 كىشىگە 19-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى» بېرىش قارار قىلىندى

2015.05.04 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 3-ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا دىڭ يۈن قاتارلىق 25 كىشىگە 19-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى» بېرىشنى، باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ غەربىي رايون مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە قاتناشقان ئوقۇش پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپى قاتارلىق ئۈچ ياشلار كوللېكتىپىغا «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى كوللېكتىپى» دېگەن نامنى بېرىشنى قارار قىلدى.

  شەرەپ بىلەن 19-نۆۋەتلىك « جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى»غا ئېرىشكەنلەر تۆۋەندىكىچە: ئىچكى موڭغۇل يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسى ھەمبەھىرلىنىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما رۈيچاڭ، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ مولى زاڭزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى ئىيا ناشىزۇ توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ بىيەنچۇ (زاڭزۇ)، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسى 3-سېنتەبىر باشقۇرۇش ئىدارىسى جيەنشەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى فىڭ جەنشەن (موڭغۇل)، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى سۇجياتۈن رايونى 1-ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسى پارتىيە ئەزالىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، گۇەنلىباۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى ۋۇ شۇشىياڭ (ئايال، شىبە)، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋۇشىن ئايمىقى ئاتىڭشا مىللىي ئالتۇن جابدۇقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ئاتىڭدوشى (موڭغۇل )، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يول شىركىتى گولمۇد بۆلكىنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جو چىلوڭ(زاڭزۇ )، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى 16-باشقارمىسىنىڭ خەلق ساقچىسى دىلشات قېيۇم، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى جۇ ئېنلەي ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسەت ئىلمى ۋە مەمۇرىيەت ئىلمى كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى، تيەنجىن گاۋۋىي ئىگىلىك تىكلەش ئارىلى تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گو شىن (زاڭزۇ)، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 95478- قىسىمنىڭ قوماندانى جياڭ جياجى قاتارلىقلار. شەرەپ بىلەن «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى كوللېكتىپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا: باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ غەربىي رايون مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە قاتناشقان مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى خەينەن چەكلىك شىركىتى سەنشا تور قۇرۇلۇشىنى قوغداش ئەترىتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسى 372-چۆكمە پاراخوتىدىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر