باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بارلىق كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى

2015.05.04 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىياز پەسلى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيۈەن ناھىيىسى تارخۇ بازىرى خۇاجياڭ كېدۇ كەنتىگە بارسىڭىز تەكشى ياتقۇزۇلغان سىمۇنت يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھويلىلار پاكىز ھەم گۈزەل بولۇپ، ياپيېشىل ئېتىزلار ئارا قاتار كەتكەن كۆكتات كەپىلىرىنى كۆرىسىز.

  خۇاجياڭ كېدۇ كەنتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ بىرى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ چىڭلى مۇنداق دېدى: يەنە ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىز مەمۇرىي كەنتىلىرىمىزنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىمىز.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ يېرى كەڭ ئادىمى ئاز، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ئاجىز. ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، 288 كونا رايوننىڭ مەمۇرىي كەنتىگە تاشيول تۇتاشمىغان، 1879 كونا رايون مەمۇرىي كەنتى ۋە كەنت ئاھالىسى گۇرۇپىسىدىكى ئاممىنىڭ ئىچىملىك سۈيى بىخەتەر ئەمەسكەن، 214 كەنت ئاھالىسى گۇرۇپپىسىدا توك يوقكەن، 731 مەمۇرىي كەنتتە شپاخانا يوقكەن، يەنە 9461 ئائىلىلىك خەتەرلىك ئۆيدە تۇرىۋاتقان... ئۆتكەن يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش، بىخەتەر ئىچىملىك سۇ، مەمۇرىي كەنتنىڭ كوچىلىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ھەر بىر كەنتكىچە توك يەتكۈزۈش، ھەر بىر كەنتكىچە رادىيو تېلىۋىزور خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسىنى يەتكۈزۈش، مەكتەپ ياتاق بىنالىرى قۇرۇلۇشىنى بىخەتەر قىلىپ ئۆزگەرتىش، مەمۇرىي كەنتنىڭ ئۆلچەملەشكەن شپاخانا قۇرۇلۇشى، مەمۇرىي كەنتنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتخانىسى، ئاممىغا قولاي زەنجىرسىمان تاللا بازىرى، يېزىلاردىكى چارۋىچىلار رايونىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش داۋالاش ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەتتىكى 10 تۈرنى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇردى.

  بۇ ئون تۈر چېتىلىدىغان دائىرە كەڭ، سېلىنغان مەبلەغ زور. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىر تۇتاش پىلانلاش تۈرىنى يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش نەدە بولسا، تۈرنى مەركەزلىك ھالدا شۇ يەردە تەسىس قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك تۈرلەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماقلارنىڭ تۈر مەبلىغىنىڭ پارچىلىنىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، مەبلەغنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ھەر بىر قۇرۇلۇشتا غەلبە قازىنىشتەك نەتىجىگە ئېرىشتى.ئىچكى موڭغۇل ئاپونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈن بۇ ئون تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئون تۈردىكى قۇرۇلۇشقا ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزىلا 60 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەمۇرىي كەنت بىزنىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسى، ئاساس پۇختا بولسا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر