باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي قەرزى ۋە باج سىياسىتى تەڭشەلدى

2015.04.02 10:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى 27-مارت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىللىق ئۆي ۋە ئۆيلۈك يەر تەمىناتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرغاندىن كېيىن، مەركىزىي بانكا تۈنۈگۈن تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ھۆججەت چىقىرىپ، 2-يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ شەخسىي قەرزىگە ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇلنى تۆۋەنلەتتى، يەنى 2-يۈرۈش تاۋار ئۆينىڭ قەرزىگە ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبىتىنى %40 تىن تۆۋەن بولماسلىققا تەڭشىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي جامائەت فوندى بىلەن قەرز تۆلەش سىياسىتىنى تەڭشەپ، تۇنجى يۈرۈش ئادەتتىكى ئۆينىڭ قەرزىنى ئۆي جامائەت فوندى بىلەن ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبىتىنى %20 قىلدى؛ بىر يۈرۈش ئۆيى بولغان ھەم مۇناسىپ ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىنى تۆلەپ بولغانلارنىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلىنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %30 گە تەڭشىدى.

  شۇ كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىمۇ دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە 2-يۈرۈش ئۆينى ئېلىپ سېتىشنىڭ تىجارەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى بوشاتتى، يەنى شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان ئادەتتىكى ئۆيلىرىنى باشقىلارغا ساتقاندا، تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»دا، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئۆيى ۋە ياخشىلانغان ئۆي ئېھتىياجىنى قوللاپ، ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. تەھلىلدە مۇنداق ھېسابلاندى: بۇ قېتىمقى ئۆي مۈلۈك كەسپى پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ۋە مالىيە، باج سىياسىتى شۇنداقلا بۇندىن بۇرۇنقى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سىياسەت-ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياخشى تەدبىرگە ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر