باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن ئىككى كۈندە بىرسىدىن چاتاق چىقىۋاتىدۇ

2015.04.02 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ 31- مارت خەۋىرىگە قارىغاندا، جىلىن ئۆلكىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قۇشۇمچە پارتكوم شۇجىسى، جىلىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خەن زېڭيى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، جۇڭگو جەنۇب ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى چى داسەينىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى. ئەمەلىيەتتە 2015- يىلى 3- ئايدا مەركەز كارخانىسى ۋە جايلاردىكى دۆلەت كارخانىسىنىڭ 15 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەكشۈرۈلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى كۈندە بىر ئەمەلداردىن چاتاق چىقتى، بۇ دۆلەت كارخانىلىرىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  دۆلەت كارخانىلىرى نېمە ئۈچۈن بۇ يىل چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭگاھ بولۇپ قالدى دۆلەت كارخانىسىنىڭ چىرىكلىشىشى ئەيىپلەندى ھەم دىققەت قوزغىدى، چۈنكى دۆلەت كارخانىسىنىڭ مۈلۈكى ھوقۇقى ئاخىرى ھېسابتا ئومۇمغا مەنسۇپ، دۆلەت كارخانىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىش ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىق. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى چىرىكلىشىش دېلولىرىنىڭ چېتىلىش سوممىسى زور. دۆلەت كارخانىلىرىدا ئەمەلدار بىلەن سودىگەرنىڭ مۇناسۋىتى قۇيۇق، ئادەتتە دۆلەت كارخانىسىنىڭ چىرىكلىشىش دېلوسى كۆپىنچە ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولىدۇ. بىراق بۇ يىل چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئاشۇرۇلىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزنىڭ ئىسلاھات ئىرادىسى ۋە سالمىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  تاشقى مۇھىتتىن قارىغاندا، بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى«مۇھىم يىل»، دۆلەت كارخانىسى ئىسلاھاتى 2015- يىلدىكى مۇھىم ئىسلاھات، دۆلەت كارخانىسىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنى قوغداشتىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرى.(شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر