باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹<شەھەر،يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››دە دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش كۈچەيتىلدى

2015.04.02 17:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر، يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› ماقۇللاندى، يولغا قويۇش چارىسىدە دۇنياۋى تەبىئىي مىراس، مەنزىرە رايون ۋە مەشھۇر جايلار بايلىقىنى قوغداش تەلەپلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يولغا قويۇش چارىسىدە دۇنياۋى تەبىئىي مىراس، مەنزىرە رايون ۋە مەشھۇر جايلار بايلىقىنى قوغداش توغرىسىدا بىر ماددا كۆپەيتىلدى، يەنى ‹‹دۇنياۋى تەبىئىي مىراس، مەنزىرە رايون ۋە مەشھۇر جايلار بايلىقىغا تەۋە ئورۇنلاردا قۇرۇلۇش قىلغاندا تەبىئىي بايلىق رايونىنى قوغداش پىلانى ياكى مەنزىرە رايون پىلانىغا بويسۇنۇش كېرەك، دۇنياۋى تەبىئىي مىراس، مەنزىرە رايون ۋە مەشھۇر جايلار بايلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇشلارنى سالماقچى بولغاندا، ئورۇن تاللاش لايىھەسىنى تەبىئىي مىراس رايونىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ياكى مەنزىرە رايون، مەشھۇر جايلارنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر، يېزىلارنى پىلانلاشنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ؛ مەنزىرە رايون، مەشھۇر جايلارنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنمىغان، لېكىن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنزىرە رايون، مەشھۇر جايلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پىلانىدىكى رايون دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، قۇرۇلۇش قىلغاندا مەنزىرە رايون، مەشھۇر جاي بايلىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدىغان تۈرلەرنى يولغا قويماقچى بولغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر، يېزىلارنى پىلانلاشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ، ئورۇن تاللاش پىكرى بېرىدۇ›› دەپ بەلگىلەندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››دە يەنە ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ ھوقۇق ئىگىلىرى ئۆي – ئىمارەتلەرنى پىلاندا ئىجازەت قىلىنغان ئىشقا ئىشلىتىشى كېرەك، ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزىلارنى پىلانلاش، زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك.

  ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››دە ‹‹قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار پىلان ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە قۇرۇلۇش قىلىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى؛ تەكشۈرۈپ لايىھەلەيدىغان ئورۇنلار شەھەر، يېزا ئومۇمىي پىلانى بۇيىچە تەكشۈرۈپ لايىھەلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش چىرتىيوژىنى تەكشۈرۈش، تەستىقلىتىش، بېكىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتلار ۋە تەستىقلىغۇچى، بېكىتكۈچى ئورگانلار پىلان ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش پىكرىنى ئايرىم – ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلەرنى تەستىقلاش، بېكىتىشنى قارار قىلىشى كېرەك›› دەپ بەلگىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر