سۈرەتتە: 31-مارت،لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا، فرانسا بانكىسى جۇڭگو كەسپى تارمىقىنىڭ مەسئۇل خادىمى نا تىڭ مۇخبىرغا بانكا بىرلەشمىسىنىڭ كارتىسىنى كۆرسەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -2 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇكۈنى،نا تىڭ مۇخبىرغا بۇ يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ فرانسا بانكىسى لىۋاندا بانكا بىرلەشمىسىنىڭ كارتىسىنى تارقاتقاندىن بۇيان، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ كارتىسى لىۋان خەلقنىڭ،بولۇپمۇ سودىگەرلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىر ئايدىن بۇيان، بانكا بىرلەشمىسى كارتىسىنىڭ تارقىتىلغان سانى 200 دىن ئاشقان. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ يىل تارقىتىلىش ئومۇمىي سانى 5000 گە يېتىدىكەن. فرانسا بانكىسى لىۋاندىكى ئۈچىنچى چوڭ بانكا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تىجارەت تور نۇقتىلىرى كەڭ تارقالغان ئىكەن، ھەم فرانسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇبا قاتارلىق 9 دۆلەتتە تارماق ئورگان قۇرغان ئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى