باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولۇشتا نېمىشقا ئىككىلىنىدۇ؟

لۈ خۇڭ

2015.04.02 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولامدۇ؟

  يېقىندا مۇنداق ئىككى خەۋەر كەلدى:

  ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 30- مارت خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇكۇسېنو جىئىنچان: ياپونىيە سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن بىرلىككە كەلدۇق، ياپونىيە 6- ئايدىن ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا دۆلەت بولۇشى مۇمكىن،دېدى. بىراق ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو بۇنى دەرھال ئىنكار قىلىپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياپونىيەنىڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولىدۇ دېگىنى يوق. 31- مارت ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولۇشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتى قىلىنغانلىقىدىن ئەندىشە قىلمايمىز. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، 31- مارت ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتىدۇر، بۇ مۆھلەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلسىمۇ ئادەتتىكى ئەزا دۆلەت بولالايدۇ.

  ياپونىيە كىيۇدۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 31- مارت خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو شۇ كۈنى توكيودا مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تىجارەت ئەھۋالىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى جەھەتلەردە كىشىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ، «ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ ئىشەنچلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ».

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياپونىيە ئارىسالدا بولۇۋاتىدۇ: ئەزا بولاي دېسە، ئامېرىكا تېخى ئەزا بولماي، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىمىز دەپلا پوزىتسىيە بىلدۈردى؛ ئەزا بولماي دېسە، كۆز ئالدىكى زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ۋاز كەچكۈسى كەلمىدى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى «جان جىگەر ئىنىسى» ئەنگلىيە قاتارلىق غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالماي، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا بەس بەستە ئەزا بولدى، ياپونىيە كۆڭلىدە يەنىلا ئالدىرۋاتىدۇ، بىراق ئىناۋەت چوڭ بىلدى ۋە ئامېرىكىغا سادىقلىقىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولۇشقا ئالدىرىمايمىز، دەپ قويدى.

  «ئەزا بولۇشقا ئالدىرىماسلىق» ياپونىيەلىكلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئوبيېكىت نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ياپونىيەنىڭ بۇ تاكتىكىسىدا ئىمكانىيەت قالدۇرۇلغان، ھازىر ئەزا بولمىسا، كېيىنمۇ ئەزا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر