باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ۋاقىت جەدۋىلى

2015.04.02 17:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013 – يىلى 9 – ئايدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولغاندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە قۇرۇش تەسەۋۋۇرى ۋە تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

  2013 – يىل 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس تېما تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، مۇھىم نۇقتىسى، ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئىلمىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان يول ۋە لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا شىنجاڭ تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇپ چىقىشى، ‹‹بەش مەركەز، ئۈچ بازا، بىر يول›› قۇرۇشى كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ ئاخىرى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. مەركەز: يول قۇرۇلۇشىنى تايانچ قىلىپ، شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  2014 – يىل 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئاپتونوم رايون پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› ۋە ‹‹شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى (2014 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››نى قاراپ چىقتى ھەم يادرولۇق رايون قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇ مەملىكەت بويىچە تۇنجى يەرلىك قۇرغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدۇ.

  2015 – يىل 2 – ئاينىڭ 11 – كۈنى رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 1 – قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان <يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇپ چىقىشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى›› ۋە ‹‹2015 – يىللىق شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار››نى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، 2015 – يىللىق يادرولۇق رايون قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  2015 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېت ‹‹بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى ۋە ھەرىكىتى››نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئورنىنى ئېنىق بېكىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر