باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹شىنجاڭ <تەڭرىتاغ> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى›› پائالىيىتى ئاخىرلاشتى

2015.04.02 17:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ <<تەڭرىتاغ>> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 26 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹شىنجاڭ <تەڭرىتاغ> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى›› پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

  ‹‹شىنجاڭ <تەڭرىتاغ> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى›› پائالىيىتى 22 – مارت باشلانغان، شىنجاڭ <تەڭرىتاغ> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ <<دۇڭگۇەن>> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى نەچچە كۈندىن بۇيان، 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، تۆت ناھىيە، ئۈچ يېزا – بازارغا بېرىپ، مەكتەپ ۋە يېزا – كەنتلەردە ئوقۇغۇچىلار، دېھقان – چارۋىچىلار، بولۇپمۇ شۇ جايدىكى قىزلار بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە لېكسىيە سۆزلىدى ھەم يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى قىزلار نەگىلا بارسا شۇ جايدىكى ھەرمىللەت ئامما بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  گۇاڭدۇڭ <<دۇڭگۇەن>> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاڭ ۋېيجيا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇ يەردىكى كىشىلەر ناھايىتى سەمىمىي، تائاملىرى ئۆزگىچە ھەم بەك تەملىك ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق مۇسابىقە مەيدانىدا ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم ھەم شىنجاڭنى قايتىدىن تونۇدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن، پۇرسەت بولسىلا، شىنجاڭغا يەنە كېلىمەن.

  شىنجاڭ <تەڭرىتاغ> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈي خۇڭياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىمىزدە تىلىمىز ئوخشىمىسىمۇ، پىكىرلەشكەندە ئانچە قىينىلىپ كەتمىدۇق، ھەممىمىز بىللە خۇشال ئوينىدۇق، يەرلىكتىكى دوستلار بىلەن بىللە، ۋاسكېتبول خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلاندۇق. مېنىڭچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاساسىي قاتلامغا بېرىش پائالىيىتىنى كۆپرەك تەشكىللەپ، ۋاسكېتبول خۇشاللىقىنى كۆپچىلىككە كۆپرەك بېغىشلاش كېرەك.

  خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى زېڭ گۇەنجۈن مۇنداق دېدى: ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كېلىشى ئاساسىي قاتلامغا يېڭىچە تەنتەربىيە كەيپىياتى ئاتا قىلدى، بۇ يەرلىكتە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان تەنتەربىيە كەيپىياتى يارىتىشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەمتىمىن بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەت ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم – پەننى قەدىرلەيدىغان، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى زامانىۋى تەنتەربىيە ۋاسىتە قىلىنغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا بېرىپ چېنىقىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ياشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ‹‹شىنجاڭ <تەڭرىتاغ> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى›› پائالىيىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت شىنجاڭ <تەڭرىتاغ> ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى قىزلارنى شىنجاڭنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت تەنتەربىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ناھايىتى ياخشى نامايان قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى قىزلارنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش، پائال ئىلگىرىلەش روھىنى ھېس قىلدۇردى.

  ليۇ يى يەنە مۇنداق دېدى:‹‹ بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 3158 مەمۇرىي كەنتتە تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەممە كەنتتە تەنھەرىكەت ۋە چېنىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەر سەپلەپ بېرىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى دولقۇنى يەنە كۆتۈرۈلىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر