باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا لاتارېيە بېلىتى سېتىش قىلمىشى قەتئىي توسۇلىدۇ

2015.04.07 09:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىدىن ئىبارەت سەككىز تارماق تۈنۈگۈن بىرلىكتە ئېلان چىقىرىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا لاتارېيە بېلىتى سېتىش قىلمىشىنى قەتئىي توسۇش، قانۇنغا خىلاپ لاتارېيە بېلىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ لاتارېيە بېلىتى سېتىش تىجارىتى چۇقۇم قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئېلاندا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: لاتارېيە بېلىتى ئورگانلىرى، ئالاقە تورى شىركەتلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋەياكى شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ لاتارېيە بېلىتى سېتىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ لاتارېيە بېلىتى سېتىش تىجارىتى قىلىشقا ئۆزى بىلگەنچە ھاۋالە قىلماسلىقى ياكى مۇشۇنداق تىجارەت بىلەن ئۆزى بىلگەنچە شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا لاتارېيە بېلىتى ساتقان ئورگانلار ياكى ئالاقە تورى شىركەتلىرى قاتارلىق ئورۇن ۋەياكى شەخسلەر ئالاقە تورىدا لاتارېيە بېلىتى سېتىش تىجارىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. جايلاردىكى مالىيە، خەلق ئىشلىرى، تەنتەربىيەگە مەسئۇل تارماقلار ئۆز تەۋەسىدىكى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا لاتارېيە بېلىتى سېتىش قىلمىشلىرىنى ئېنىقلاپ رەتكە سالىدۇ. لاتارېيە بېلىتى سېتىش ئورگانلىرى ۋەياكى ۋاكالىتەن ساتقۇچىلار ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى بىلگەنچە لاتارېيە بېلىتى ساتقان بولسا، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر