باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش›› تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلدى

2015.04.07 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا ‹‹ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش›› تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.

  ‹‹ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش›› تۈزۈم ئىسلاھاتى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئورگان كود نومۇرى كىنىشكىسى، باج تىزىملاش كىنىشكىسىنى ئىخچاملاپ بىر كىنىشكىگە ئۆزگەرتىش دېگەنلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ خىزمەت ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ سىناق نۇقتا رايونىنى تاللاپ، بۇ سىناق ئارقىلىق ئىسلاھاتنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى.

  مۇراسىمغا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماۋكەن سېيتقامزا قاتناشتى ۋە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش›› تۈزۈم ئىسلاھاتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزۈپ چىققان مۇھىم سىياسىتى، شۇنداقلا مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش›› تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلسا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىپ، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر