باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سۇغۇرتىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟

2015.04.07 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر››نى تارقىتىپ، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى جەڭگىۋارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ خۇڭ يېقىندا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا دائىرىسىدىن قارىغاندا، ئاھالىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ھۆكۈمەت، كارخانىلار ۋە شەخسلەردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى رولى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

  بىرىنچىدىن، ئاھالىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى چىقىمى يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ. بەزى كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىمپورت قىلىنغان دورىلار ياكى ‹‹ئۈچ مۇندەرىجە›› سىرتىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بۇ خىراجەتلەر ئاتچوت قىلىنمايدۇ. لېكىن سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىدا بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاھالە سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا، ئۆزلىرىنىڭ داۋالىنىش چىقىم يۈكىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللىتەلەيدۇ.

  ئىككىنچىدىن، مالىيەنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى چىقىم يۈكىنى يەڭگىللىتەلەيدۇ. خەلقئارادىن قارىغاندا، داۋالىنىش خىراجىتىدە ئۇزاققىچە مۇتلەق ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلگەن. بۇنى نوقۇل ھالدا ھۆكۈمەت مالىيە چىقىمىغا تايىنىپ ھەل قىلىش قىيىن بولغان. سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى بىر خىل بازارلاشتۇرۇلغان داۋالىنىشقا مەبلەغ جۇغلاش مېخانىزمى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۆكۈمەت، كارخانىلار، شەخسلەر بايلىقى يۆتكىلىپ داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. بۇ مۇقىم، كۆپ خىللاشقان مەبلەغ جۇغلاش مەنبەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مالىيە بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

  ئۈچىنچىدىن، داۋالىنىش خېيىم – خەتىرىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ. سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بىلەن ئىنچىكە ھېسابلاش تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە. داۋالىنىش بولغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ئورنى باراۋەر بولماسلىق ۋە ئۇچۇر سىممېترىيەلىك بولماسلىق مەسىلىلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ چەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش خىزمىتىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش خىراجىتى تېز ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، يەنە داۋالاش مۇلازىمىتىگە مەبلەغ سېلىپ، داۋالاش مۇلازىمەت بايلىقىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىزدە دوختۇرخانىلاردىكى كېسەل كارىۋىتى ھەر 1000 كىشىگە ئاران 4.55 دىن توغرا كېلىدۇ، بۇنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا پەرقى خېلى زور. 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى، دۆلىتىمىز سۇغۇرتىچىلىقىدا ئىشلىتىلگەن مەبلەغ قالدۇقى 9 تىرىليون 330 مىليارد يۈەن بولۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتىگە مەبلەغ سېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي مەبلەغ كۈچى زور بولغان.

  2000 – يىلىدىن بۇيان، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق ئېشىش سۈرئىتى%25 كە يەتكەن. 2014 – يىلى سۇغۇرتا كىرىمى 15 مىليارد 870 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41 ئاشقان. ھازىر مەملىكەت بويىچە 100 دىن ئارتۇق سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا ساغلاملىق كەسپىنى قانات يايدۇرغان، مۇلازىمەت تۈرى 2300 دىن ئېشىپ، داۋالاش سۇغۇرتىسى، كېسەللىك سۇغۇرتىسى، كۈتۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ كەسىپ بۇرۇنقى ئاددىي خىراجەتنى ئاتچوت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشتىن كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن، كېسەل بولغاندا ۋە ساقايغاندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولماقتا.

  2009 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە، سۇغۇرتىچىلىق تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ھاۋالە قىلىنغان باشقۇرۇش فوندىدىن جەمئىي 74 مىليارد 930 مىليون يۈەن بېجىردى، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 62 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى، چىقىم قىلىنغان تولۇقلىما ۋە تۆلەم سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. تۆلەم مۇلازىمىتى 190 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.

  خۇڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: سۇغۇرتىچىلىق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگەندىن بۇيان تەرەققىياتى مۇقىم بولدى، قائىدىگە خىلاپ بىرمۇ چوڭ قىلمىش كۆرۈلمىدى، فوندىنى باشقا يەرگە يۆتكەپ ئىشلىتىدىغان بىرەرمۇ ۋەقە سادىر بولمىدى، داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى. مۇۋاپىق بولمىغان داۋالىنىش چىقىمىنى كونترول قىلىش جەھەتتە، قىسمەن رايونلاردا دورا ھەققى بەك تېز ئېشىپ كېتىش بېسىمى پەسەيتىلدى. ھازىر، سۇغۇرتىچىلىقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى يەنىلا باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇنىڭدا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس، مەسىلەن، سودا سۇغۇرتا ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىدا سىياسەت، بېجىرىش ھەققى، داۋالاش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى جەھەتتە ھوقۇق بېرىشى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر، شۇنىڭدەك سودا سۇغۇرتا ئورۇنلىرىنىڭ بېجىرىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىش مەسىلىسىمۇ بار.

  2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 16 سۇغۇرتا شىركىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكىنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ناھىيەسىدە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 700 مىليون كىشىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇردى. خۇاڭ خۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىمۇ كىشىنى خۇش قىلىدىغان ھەم ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلىلەر بار؛ بىر تەرەپتىن، بۇ خىزمەتنىڭ سۈرئىتى خېلى تېز بولدى، ئۈنۈمىمۇ خېلى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئېغىر كېسەل بولۇپ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھالدا 10 پىرسەنت پوئېنتتىن 15 پىرسەنت پوئېنتقىچە ئۆستى. ئېغىر كېسەل بولغان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش سەۋىيەسىمۇ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش سەۋىيەسىدىن خېلى ئېشىپ، يۇقىرىسى 800 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئائىلە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتتى. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، نۇقتىدا سىناق قىلىشتىمۇ بەزى مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى: كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ھەققى كاپالەت دائىرىسى قىلىنغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمىنى بېكىتىشتە داۋالىنىش ھەققىنى ئۆستۈرۈۋېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى؛ ئېغىر كېسەللەرنى سۇغۇرتىلاشنى بىر تۇتاش پىلانلاش قاتلىمى سەل تۆۋەن بولۇپ، قىسمەن جايلاردا ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلار بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېغىر كېسەللەرنى سۇغۇرتىلاش رولىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى ۋە قانات يايدۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتتى؛ سۇغۇرتىنىڭ داۋالاش ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىپ، نامۇۋاپىق داۋالىنىش خىراجەتلىرىنى كونترول قىلىش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئۇدۇللاش ئىقتىدارى، ۋاقتىدا ھېسابات قىلىش، داۋالىنىش خېيىم – خەتىرىنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.‹‹خەلق گېزىتى›› دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر