- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئايروپىلان بېلىتى بۇ ئايدا تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ
2015.04.02 17:20 مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
29-مارت خەلق ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يازلىق-كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە قاتنىشى پەسىلىگە كىردى. ئەمدى ئاپتونوم رايونىمىزدىن بېيجىڭ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتى ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ.
جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: «مۇشۇ ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا قاتنايدىغان ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا %70 ئېتىبار بېرىلىپ، تەخمىنەن 650 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى. كەچلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتىدە %80 ئېتىبار بېرىلىپ، 430 يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرۈلدى. ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان كەچلىك نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلىتىدە %75 ئېتىبار بېرىلىپ، 600 يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرۈلدى».
ئىگىلىنشىچە، چېڭدۇ، بېيجىڭغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتى ئېتىبار باھادا سېتىلىپلا قالماي، يەنە كۈنمىڭ، ۋۇخەن، چاڭشا، شىيامېن قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ئايروپلانلارنىڭ بېلىتىمۇ ئەرزانلىتىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر