باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈشى: يېڭى تاراتقۇلار داۋالىتىشقا تېگىشلىك «يەتتە كېسەل»

2015.04.02 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى تاراتقۇلارنىڭ دۇنيانى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ. لېكىن مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى تاراتقۇلار مۇھىتىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر تېز تەرەققىيات جەريانىدا ئاق-قارىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟ تاراتقۇلار مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىشى كېرەك؟ «كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش»، «ئېقىمنى ئاشۇرۇش» ئۈچۈن، يۈزەكى، مۇبالىغە كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ساغلام، ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا زىيانلىق.

  ھەر بىر ئىشنىڭ ياخشى-يامان تەرىپى بار، يېڭى تاراتقۇلار تەرەققىياتىنىڭ زور ئېنېرگىيە ۋە قىممىتىنى تولۇق تونۇش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭ ئىچىدە ساقلانغان مەسىلىنىمۇ ئەقلىي تەھلىل قىلىپ، ھەر تەرەپنىڭ ئويلىنىشى ۋە ئىزدىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا پائال ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى تاراتقۇلاردا قانداق «كېسەللىك ئالامەتلىرى»بار؟ كېسەل سەۋەبى نېمە؟ قانداق داۋالاش كېرەك؟ مۇخبىرىمىز يېقىندا بۇ توغرۇلۇق تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلدى.

  مەزمۇننى كۆچۈرۈش

  يېڭى تاراتقۇلار تارقىتىش قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلات بەرپا قىلىشنى ئويلاشماستىن بەلكى قارىغۇلارچە ئەگىشىشتەك تارقىتىش شەكلىنى قوللىنىپ، شەكلىنىلا ئۆزگەرتىپ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي، يېڭى تاراتقۇلار مەزمۇنىنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  سۈرئەت قوغلىشىپ ھەقىقەتنى قوغلاشماسلىق

  خەۋەرنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمىنى قوغلىشىش ئۈچۈن خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ. ۋاقىتنى قوغلىشىپ چىنلىققا ئېتىبار بەرمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ ئورنىنى ھەرگىز تولدۇرغىلى بولمايدۇ.

  قارىغۇلارچە كۆرۈش نىسبىتىگە ئىشىنىش

  قۇرۇق گەپ سېتىپ، كىشىلەرنى ئاغزىغا قارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاتالمىش مونوپول ۋە قىزىق خەۋەرلەرنى قوغلىشىپ، تاراتقۇ كەسپى ھەتتا كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىممەتكە ھۆكۈم قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزدى.

  ماۋزۇغا بەكرەك ئېتىبار بېرىش

  «ماۋزۇ گۇرۇھى» ھازىر تاراتقۇلار چەمبىرىكىدىكى «ئىجتىمائىي ئاپەت»كە ئايلىنىپ، توردا پىتنە-ئىغۋالارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن يەنە پۈتۈن تاراتقۇلار كەسپىنىڭ ئابرۇيىغىمۇ تەسىر يەتكۈزدى.

  زورمۇ زور ئېلان قوشۇش

  مەخپىي، خاس بولۇش يېڭى تاراتقۇلارنىڭ بىر خىل ئالاھىدىلىكى. يېڭى تاراتقۇلار ئابرۇيىنى ساقلاپ، ھەددىدىن زىيادە تاۋارلاشقانلىقتىن كۆرۈرمەنلەرنىڭ زېرىكىشى ۋە ئازلىشى، شۇنداقلا بۇنىڭ يېڭى تاراتقۇلار سۇپىسىغا ئېلىپ كەلگەن ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  ئوغۇرلىقچە كۆچۈرۈش مەسىلىسى ئېغىر بولۇش

  بىر تەرەپتىن، يېڭى تاراتقۇلاردا ماقالىنى ئۆز ئىختىيارىچە باش-ئاخىرىنى ئېلىۋېتىپ بىر-بىرگە ئۇلاپ، كۆچۈرۈپ تارقىتىش ئەھۋالى ساقلانغان بولسىمۇ، لېكىن قانۇننىڭ كۆپكە تەگمەسلىكى بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ قائىدىسىگە ئايلانغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، ھوقۇقىنى قوغداش مۇرەككەپ بولۇش، ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلارمۇ ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە.

  چاكىنىلىقنىڭ چېكى بولماسلىق

  ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئاخباراتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ يادروسى، خەۋەر، ۋەقەلىكنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى ھېسسىياتنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك. يېڭى تاراتقۇلار تەرەققىي قىلىشتا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت بىلەن كەسىپ روھىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  ليۇ پېڭ مۇنداق دېدى: مەيلى قۇرۇق خەۋەر ياكى ساختا خەۋەر بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسى خەۋەر قىممىتىگە خاتا ھۆكۈم قىلغانلىقتىن بولغان، بۇ يېڭى تاراتقۇلارنىڭ قېلىپلاشقان ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ۋە تۈزىتىش مېخانىزمى ئورناتمىغانلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى بولۇپ، نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋېن چاڭفېڭ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئاخباراتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ يادروسى، خەۋەر ۋەقەلىكنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى ھېسسىياتنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك. يېڭى تاراتقۇلار مۇھىتىدا مونوپول خەۋەرنى قىزىقچىلىق قىلىش، خەۋەر مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئىچكى سىر قىلىش، خەۋەرنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىنى چاكىنىلىق دەپ خاتا چۈشىنىۋېلىشلارنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى ۋە يېڭى تاراتقۇلاردىن ئىبارەت پۈتۈن تاراتقۇ كەسپىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېڭى تاراتقۇلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت بىلەن كەسىپ روھىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزىگە لايىق بولغان تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتەلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر