باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشەنچ بولسىلا، ئاغزى تۇتۇلۇپ قالمايدۇ

2015.04.02 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولغاندا، ئامما مۇنداق ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى، بەزى رەھبەرلەر ئەلرايىنى ئىگىلىگەندە، كىرىم ئەھۋالى، قىيىنچىلىقىنى سوراشتىن باشقا گەپ سورىمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن رەھبەر ئوسال بولىدىكەن، ئامما داڭقېتىپ قالىدىكەن، ئاخىرىدا ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىلىدىكەن.

  كادىرلار ئامما ئارىسىغا چۈشكەندە ئىقتىدارسىز، سۆزمەن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاغزى تۇتۇلۇپ قالمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكمىگەن، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىن يىراق بولغاچقا شۇنداق بولىدۇ. بەزى كادىرلار ئورگان ئولتۇرۇۋېلىپ ماتېرىيال كۆرۈش، دوكلات ئاڭلاش، يىغىن ئېچىش، تېلېفۇنلىشىشقا ئادەتلەنگەن، ئېتىز- ئېرىق بېشىغا بارىدىغانلار، مەھەللە ئارىلايدىغانلار ئاز؛ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1- سېپىگە بارسا، ئاپتوموبىلدىن چۈشمەي، بىر ئايلىنىپ كېتىپ قالىدۇ. دېھقانچلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ غېمىنى قىلمىسا، پۇقرالارنى قەلبىگە پۈكمىسە، ئامما ئالدىدا ئاغزى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە. تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاممىدىن ئېھتىيات قىلىش ئېڭى ئاجىزلاشتى. ئاممىۋى لۇشيەندە داۋاملىق مېڭىش ئۈچۈن، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ئالاقىلاشقاندا مىھىرلىك بولۇپ، ئۇلارنى سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، سۆز قىلىشنى خالايدىغان بولۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك ئەھۋاللارنى تولۇق ئىگەللەپ، ئاممىنىڭ ئوي خىيالىنى بىلگەندىلا، ئامما سىز بىلەن سىردىشىدۇ، كۆڭلىدىكى گېپىنى قىلىدۇ. ئورتاق تېمىدا پاراڭلىشىپ، ھال دەردىگە يىتىپ، ئىچقۇيۇن تاشقۇيۇن بولۇپ، ئىستىلنى ياخشىلىغاندىلا، ئاممىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر