باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىغىچە، مىڭ ئادەمگە توغرا كېلىدىغان كېسەل كارۋىتى ئالتىگە يەتكۈزۈلىدۇ

2015.04.02 10:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «مەملىكەتلىك داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ 2015-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان پىلان پىروگراممىسى»نى ئېلان قىلدى. 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىزدە ھەر مىڭ ئادەمگە توغرا كېلىدىغان كېسەل كارىۋىتى ئالتىگە يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ-ئېلىمىزنىڭ داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ كارىۋات كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە تۇنجى قېتىم كۆرسەتكۈچ بېكىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىلان پىروگراممىسىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى-نېمىنى ھەل قىلىش، قەيەردە ھەل قىلىش، قانچىلىك ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئىبارەت. پىلان پىروگراممىسىدا كەسىپ توسىقى، تارماقلار مەنپەئەتى، مەمۇرىيەت ئايرىمىسى ۋە كەسىپ چەكلىمىسى تۇنجى قېتىم بۇزۇپ تاشلىنىپ، سەھىيە، مائارىپ، ئارمىيە، كارخانا، جەمئىيەت، پۇقراۋى ئىگىلىك قاتارلىقلار باشقۇرىدىغان تۈرلۈك داۋالاش بايلىقلىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  پىلان پىروگراممىسىدا، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ھۆكۈمەت داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سانى ۋە كۆلىمى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پىلان پىروگراممىسىغا ئاساسەن، ھەر بىر مەمۇرىي كەنتتە بىر كەنت شىپاخانىسى قۇرۇلۇشى، ھەر بىر يېزا-بازاردا ئۆلچەملىك سېلىنغان بىر يېزا-بازارلىق شىپاخانا بولۇشى، ھەر بىر كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ تەۋەلىكى ياكى 30 مىڭدىن يۈز مىڭغىچە نوپۇسى بار مەھەللىلەردە بىردىن مەھەللە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت مەركىزى بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر