باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامانەت پۇل سۇغۇرتا نىزامى ئېلان قىلىندى

2015.04.02 10:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ 660- نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇشى بىلەن « ئامانەت پۇل سۇغۇرتا نىزامى» ئېلان قىلىندى، بۇ نىزام بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.

  ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى، ئامانەت سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورنىتىش ئاممىنىڭ ئېلىمىز بانكا سىستېمىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، نىزامنىڭ چىقىرىلىشى ئامانەت پۇل سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىنېىق بىر ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ.

  ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، بانكىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نىزامدا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى مەجبۇرلاش خاراكتېرنى ئالدى، ئېلىمىزدە تەسىس قىلىنغان ئامانەت پۇل قوبۇل قىلىدىغان بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جۈملىدىن سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.

  نىزامدا ئامانەت پۇل سۇغۇرتسىدا چەكلىك سوممىدا تۆلەش ئۇسۇلى يولغا قويىلىدۇ، ئەڭ يۇقۇرى تۆلەش نىسبىتى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى، بۇ چەك دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كاپالەتلىك سەۋىيەسىدىن يۇقۇرى بولۇپ، ئېلىمىزدىكى %99.63 ئامانەت قويغۇچىنىڭ پۇللىرى قوغدىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر