باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ھۆججەت رەتلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2015.04.02 10:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن ۋەزىيەت ھەم ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى گوۋۇيۈەن ۋە گوۋۇيۈەن ئىشخانىسنىڭ نامىدا تارقىتىلغان ھۆججەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەشنى قارار قىلدى. بۇ-بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرغان بىر ئاساسلىق، يېڭىلىق يارىتىشچان خىزمەت بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھالىتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، تۆۋەنگە ھوقۇق بېرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشنى گەۋدىلەندۈرگەن، بۇ-مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى ھۆججەت رەتلەش خىزمىتىدە، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تەرەققىيات باش ۋەزىپىسى چىڭ تۇتۇلۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، تۆۋەنگە ھوقۇق بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش كۈچەش نۇقتىسى قىلىنىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇلۇپ، رەتلەنگەن ھۆججەتلەر تۈركۈم بويىچە ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر