باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

24-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى دوكلات يىغىنى ئېچىلدى

2014.11.08 17:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە 24-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، 13-نۆۋەتلىك چاڭجياڭ تاۋپىن مۇكاپاتىنى تارقىتىش دوكلات يىغىنى 7-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى.جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىمىزدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو روھىنى نۇرلاندۇرۇش، جۇڭگو ئاۋازىنى يەتكۈزۈش.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەشتىكى مۇھىم ئىش نېمىنى سۆزلەش، قانداق سۆزلەش، قانداق سۆزلىگەندە ياخشى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا. نېمىنى سۆزلەشتە دەۋر تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى ئىگىلەش، تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىش، ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا دىققەت قىلىپ ۋە نەزەرنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىقا قارىتىپ، دەۋرىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئاساسى ئېقىمىنى ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇشقۇن يۇقىرىغا ئۆرلەش قىياپىتىنى ياخشى نامايان قىلىش لازىم. قانداق سۆزلەشتە راست، جانلىق، يېڭى نەرسىلەرنى سۆزلەپ، ھەقىقىي ھېكايىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش؛ پۇقرالارنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى سۈرەتلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى نەرسىلەرنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىپ، ھەقىقىي ئادەم ، ھەقىقىي ئىش، ھەقىقىي روھنى مەيدانغا كەلتۈرۈش لازىم. قانداق سۆزلەشتە ئىشخانا، ئېگىز بىنالاردىن چىقىپ، يول يۈرگەندىلا دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا بارغاندىلا ئاممىنى چۈشىنىش، نەق مەيدانغا بارغاندىلا ھەقىقىي تەسىرات ئىگە بولۇشتا كۆڭلىدە سان بولىدۇ. ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام 1-سېپىگە كۆپ بېرىپ، ياخشى خەۋەرلەرنى يېزىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر