- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىراققا 1500 ھەربىي ئىشلار خادىمىنى كۆپەيتىش ھوقۇقىنى بەردى
2014.11.08 16:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 7-نويابىر ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىراققا 1500 ھەربىي ئىشلار خادىمىنى كۆپەيتىش ھوقۇقىنى بەردى، بۇ ئەسكەرلەر «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىراق ھەربىي ئارمىيەسى ۋە كۇرد قوراللىق ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كېبىي باياناتتا، بۇ قېتىم ئىراقتا تۇرۇشقا ئەسكەر ئەۋەتىش ئاساسلىقى ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى ۋە كۇرد قوراللىقلىرىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە قارشى كۈرىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن «ياردەمچى»لەر ئىكەنلىكىنى، بىراق ئەۋەتىلگەن ھەربىي ئىشلار خادىملىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر