باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى يەنىلا ئاخىرقى نىشان

2014.11.08 17:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېڭىشى 7-نويابىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە «رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ 2014-يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولغان دوكىلاتىنى» رەسمى ئېلان قىلدى، «دوكىلاتتا» مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى يەنىلا رايون سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاخىرقى نىشانى. دوكىلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گەرچە نۆۋەتتە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى ئاستىلاش ۋەزىيىتىنى ساقلىسىمۇ، ئەمما ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنى باھالىغاندا يالغۇز ئېشىش سۈرىتىگىلا قاراشقا بولمايدۇ، بەلكى ئېشىشىنىڭ سۈپىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە رايوندىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دوكىلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ %3.7 كە يېتىشىدىن ئۈمىد باركەن، كېلەر يىلى %3.8 كە يېتىشى مۈمكىنكەن. دوكىلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كەلگۈسى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىرىنچىدىن، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىككىنچىدىن، سىياسەت ئىسلاھاتى بولىدۇ. تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مۇھىم نۇقتىنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا قارىتىشى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مۇھىم نۇقتىنى سىياسەت ئىسلاھاتىغا قويۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇش ساھەلىرى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىھتىياجى ۋە قىزغىنلىقى رۇشەنلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر