باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان «تور كىملىك» تېخنىكىسى پىششىپ يېتىلدى

2014.11.08 17:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توردىكى مەۋھۇم جەمئىيەتنى باشقۇرۇش، پۇقرالارنىڭ تور بىخەتەرلىكى ھەمدە شەخسى مەخپىيەتلىكنى قوغداش قاتارلىق جىددىي ئىھتىياجغا قارىتا، ئېلىمىز بەش يىل تېخنىكا جەھەتتە تىرىشىش ئارقىلىق، مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان «تور كىملىكى» تېخنىكىسى پىششىپ يېتىلدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە بىردىن بىر «جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ پۇقرالار تور سالاھىيىتىنى ئايرىش سېستىمىسى» ئورنىتىلدى. «تور كىملىكى» بىر بانكا كارتىسىنىڭ ئۆزىكىگە سېلىنىدۇ.«تور كىملىكى» سېلىنغان بانكا كارتىسى كارتا ئوقۇغۇچ ياكى ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ كەينىگە سېلىش ئارقىلىق ئوقىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، تۇرالغۇ ئادىرىسى، تېلىفون نومىرى، سالاھىيەت نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يازمىسىمۇ، توردا نەرسە سېتىۋالالايدۇ، ئوبوروت ئەھۋالىمۇ ئېنىق كۆرىنىپ تۇرىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان «تور كىملىكى» تېخنىكىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك مېخانىزىمى ئارقىلىق ئوقۇغىلى بولماسلىق، كۆچۈرگىلى بولماسلىق، ئۆزگەرتكىلى بولماسلىق ياكى قانۇنسىز ئىشلەتكىلى بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئۆزەك بىلەن ئۇنىڭ ئىگىسىنى بىرگە بىر ماسلاشتۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر