- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: يەر شارىنىڭ قىممەت زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك
2014.11.08 17:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى 7-نويابىر دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى يەر شارى قىممەت زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تەشەببۇسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى تونۇشتۇردى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، سودا مىنىستىرلىقى سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شېن دەنياڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يەر شارىنىڭ قممەت زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تەشەببۇسى تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. قىممەت زەنجىرى ھەمكارلىقى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى ئورنىتىشقا ئاساس سالىدۇ. شېن دەنياڭ مۇنداق دېدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 21 دۆلەت تەرەققىي تاپقان دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىممەت زەنجىرى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا بولۇپ، مەنپەئەتى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. يەر شارى قىممەت زەنجىرى دېگىنىمىز ئوزۇقلۇق تەركىبىي يۇقىرى تورتنى تېخىمۇ چوڭ قىلىپ ياساش دېگەنلىك بولۇپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بۇ تورتنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە تەكشى تەقسىملەش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى قىممەت زەنجىرىدىكى ئورنىنىڭ ئۆسۈشى قىممەت كۆپەيمە قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سودا سېلىنما قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش جەريانى بولۇپ، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زىچ ھەمكارلىشىش چوقۇم تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر