باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز نۇقتىلىق ساھالەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىدۇ

2014.11.08 17:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تۆمۈر يول، خەلققە ئىشلىتىلىدىغان ئايرۇدرۇم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە تەستىق سېلىپ، 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى، ئىقتىسادنىڭ سۇسلىشىش بېسىمىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىز نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم ئېشىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم ئېشىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت كەينى كەينىدىن بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، مەبلەغ سېلىش مەبلەغ توپلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتتى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈردى، جەمئىيەتتە مەبلەغ سېلىشقا پائال ئىلھاملاندۇردى ۋە يېتەكلىدى، كەپىلىك مەھەلىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئوتتۇرا غەربىي قىسىمنىڭ تۆمۈر يول، سۇچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا تەستىق سالغان تۆمۈر يول، خەلققە ئىشلىتىلىدىغان ئايرۇدروم قاتارلىق تۈرلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئوتتۇرا غەربىي قىسىمغا ۋە شەرقىي شىمالى رايونغا تارقالغان. بۇ تۈرلەر ھازىرغا پايدىلىق تېخىمۇ بەكرەك ئۇزاق مۇددەت نەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئېلىمىز نۆۋەتتە يولغا قويىۋاتقان تەڭشەپ كونترول قىلىش، ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاش، ئەمەلىي گەۋدىنى زورايتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. زور ساھەلەردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تايىنىش ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، 4-پەسلىگە كىرگەندىن كېيىن دۆلەت كەينى كەينىدىن سىياسەت چىقىرىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ توپلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت مەبلەغ سېلىشنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق جارىي قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر