باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك م ك پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى

2014.10.27 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 19-ئاۋغۇست جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە زور مەسىلە ھەققىدىكى قارار توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۇ جېڭشېڭ ۋە ۋاڭ چىشەنلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا دېموكراتىك ئىنقىلاپ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلاردىن گو لېي ئىلگىرى كيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىك نۇغۇن قاراتمىلىق ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە ياخشى پىكىر ، تەكلىپلەرنى بەردى، بۇنىڭ ياخشى ھۆججەت تۈزۈشكە كۆپ ياردىمى بولىدۇ، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى تۈزۈش جەريانىنى تونۇشتۇردى ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئاساسى دۆلەت ئىستراتېگيەسى ۋە قانۇن ئارقىلق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۇسۇلىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشقا قەتئىي يېتەكلىشىمىز كېرەك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئارقىلىق مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگرى سۈرۈشتە، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىندىغان دۆلەت، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم قانۇنچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سوتسيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلىكسەپ خىزمىتىگە ئىختىساسلىقلار توپلانغان، ئاقىللار توپلانغان، ئۇلارنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانۇن جەھەتتە يۇقۇرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسسلەر بار، بەزىلىرى بىۋاستە قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە ۋە قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى زور مەسىلىلەر ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىۋاتقان رىيال مەسىلىلەرنى، قىززىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ۋە ۋاقىتىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ئىجابىي، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر